|
ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى
1.بىكەتتىكى ئىناۋىتى 60%دىن يۇقىرى بولۇشى كىرەك.(ماتىرىيالىڭىز قانچە ئىنىق ۋە توغرا بولسا ئىناۋىتىڭىز شۇنچە يۇقىرلايدۇ.)
2.يۇلتۇزى 50دىن ئاشقان بولۇشى كىرەك. (بۇ تورداشلارنىڭ سىزنىڭ مىھمانخانىڭىزنى ياقتۇرۇپ سىزگە تاشلاپ قويغان بىلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.)
3.زىيارەت سانى 2000دىن ئاشقان بولۇشى كىرەك. بۇ ئەڭ ئاساسى شەرت.(مىھمانخانىڭىزنى ئۇلىنىش بىكەتلىرىگە قوشسىڭىز، باشقا ئورۇنلاردا مۇۋاپىق تەشۋىق قىلسىڭىز بولىدۇ.)
4.بىكىتىمىز ئۈچۈن مەلۇم بىر تۆھپىسى بولۇشى كىرەك. مەسىلەن بىكەت ئىچىدە باشقىلارغا ئۈلگە بولغان، بىكەت سىرتىدا بىكىتىمىز تەشۋىقاتىغا تۆھپە قوشقان بولۇشى كىرەك.
5.يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشسىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. بىر قىتىم تەستىقلانمىسا، شەرتىڭىز توشقاندا يەنە قايتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. ھەر بىر 7 يۇلتۇزلۇق ئەزانىڭ باش بەتتە تۇرۇش مۇددىتى 15كۈندىن بىر ئايغىچە بولىدۇ. ۋە بىكىتىمىزمۇ بىر قىسىم ئەزالارنى ئاپتۇماتىك تەۋىسسيە قىلىدۇ.
6. ئالاھىدە تۆھپىكارلارغا بىكەت يۇقارقى شەرتلەرسىز يۇلتۇزلۇق ئەزا ھوقۇقى سوۋغا قىلىدۇ.
يۇلتۇزلۇق ئەزالارنىڭ ھوقۇقلىرى
يۇلتۇزلۇق ئەزالار ئادەتتىكى ئەزالار بەھرىمەن بولغان ھوقۇقلارنىڭ سىرتىدا تۆۋەندىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە
1. خالىغان ئەزاغا قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايدۇ. (ئادەتتىكى ئەزالار پەقەت دوستلىرىغىلا ئەۋەتەلەيدۇ.)
2. قىسقا ئۇچۇر ساندۇقى 100 دانە ئۇچۇرنى ساقلىيالايدۇ. (ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ پەقەت 60)
3. بىكەت مۇددەتلىك يۇلتۇز سوۋغا قىلىدۇ.
4. باش بەتتە تەۋىسسيە قىلىنىدۇ.
5. يۇلتۇزلۇق ئەزا سالاھىتى ۋە ھوقۇقى مەڭگۈ كۈچتىن قالمايدۇ.(باش بەتكە ئەڭ يىڭىلىرى تەۋىسسيە قىلىنىدۇ.ئالاھىدە ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.)
6. يۇلتۇزلۇق ئەزلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 گۇرۇپپا قۇرۇش سالاھىتىگە ئىگە. (ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ گۇرۇپپا قۇرۇش ھوقۇقى يوق.)
7. ئىشلىتەلەيدىغان بوشلۇق چەكلىمىسى ئادەتتىكى ئەزالاردىن يۇقىرى.
8.بىكىتىمىزنىڭ سىناق قىلىنىۋاتقان يىڭى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
يۇلتۇزلۇق ئەزانىڭ مەجبۇرىيەتلىرى
1. بىكىتىمىزنى سۆيىدىغان، بىكىتىمىز قائىدىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان، بىكىتىمىزدە باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان روھقا ئىگە بولىشى كىرەك.
2. بىكىتىمىزنى ئاسىرايدىغان، كۆيىنىدىغان، ئۆزىنىڭكى دەپ بىلىدىغان بولۇشى كىرەك.
3. بىكىتىمىز تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى، يۆنىلىشى ھەققىدە تەكلىپ پىكىر بىرەلەيدىغان، بىكەت خاتالىقلىرىنى ۋاقتى ۋاقتىدا مەلۇم قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك.
4. باشقىلارنى يىتەكلىيەلەيدىغان، باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان روھقا ئىگە بولۇشى كىرەك.
5. بىكىتىمىز تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئاز تولا تۆھپە قوشالىشى كىرەك.
[بۇ يەرنى چېكىپ ئىلتىماس قىلىڭ]
|