ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز، بۇ يەرنى تەپسىلى كۆرۈپ چېقىڭ.,ئەگەر ھەل بولمىسا ئـالاقىلىشىڭ.
باش بېتىمگە مۇزىكا قويغۇچنى قانداق چىقىرىمەن؟
باش بېتىڭىزگە scrtip ياكى ifram ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھەر خىل مۇزىكا قويغۇچلارنى چىقىرىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن ناخشا مۇزىكا قويغۇچ، فىلەش قويغۇچ، كىنو قويغۇچ قاتارلىق. مۇزىكا قويغۇچ تەمىنلەيدىغان بىكەتلەردىن Aoboمۇزىكا قۇتىسى , QQ قويغۇچىسى, Flshقويغۇچىسى ۋە بىكىتىمىز تەمىنلىگەن قويغۇچ سىستىمىسى بار، سىز ياقتۇرغاننى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ھەممىسىدە مەشخۇلات ئاساسەن ئوخشايدۇ، تىزىملىتىسىز، ناخشا قوشىسىز، كودقا ئىرىشىسىز،بىكىتىمىزنىڭ قويغۇچ ئورنىغا كودنى چاپلايسىز،شۇنىڭ بىلەن مەشخۇلات ئاياغلىشىدۇ.
باش بېتىمگە فىلىمنى قانداق چىقىرىمەن؟
باش بېتىڭىزدىكى فىلىم ئورنى html كودى قوللايدۇ. دىمەك توردىكى ھەرقانداق فىلىم تەمىنلەيدىغان بىكەتلەرنىڭ فىلىملىرىنى چىقىرۋىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن 56.com, youku, tudou, mtv.uyghurx.com، شۇنداقتىمۇ سىزگە بىكىتىمىزنىڭكىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسسيە قىلىمىز. كومپىيۇتىرىڭىزدىكى فىلىم ياكى ناخشىلارنى بىكىتىمىز فىلىم بېتىگە بىۋاستە يوللاپ ئوڭ تەرەپتىكى كودىغا ئىرىشىپ ئەكىلىپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ.باشقا بىكەتلەرنىڭكىنى ئالسىڭىز، چوقۇم html كودىغا ئىرىشىپ چاپلاڭ. بىكىتىمىز فىلىم بېتىنىڭ ئادىرسى: مېنى چېكىڭ.
باش بېتىمگە ياقتۇرغان رەسىمنى قانداق چىقىرىمەن؟
باش بەتكە رەسىم چىقىرىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى ئورۇندايسىز. 1) باش بەتكە چىقارماقچى بولغان رەسىمنى رەسىم ئالبۇمىڭىزغا چىقىرىۋالىسىز. بىلمىسىڭىز باش ئۈستىدىكى كونتىرول تىزىملىكىدىن يىڭى ئالبۇم قۇرۇش دىگەننى چېكىپ يىڭى ئالبۇم قۇرۇپ، ئالبۇم تەھىرىلەش دىگەن يەردىن كىرىپ رەسىم چىقارسىڭىز بولىدۇ. 2)رەسىمنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن رەسىمنىڭ خاسلىقىدىن ھەقىقى ئادىرسىغا ئىرىشىسىز. يەنى شۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ، ئەڭ ئاستىدىكى تاللانمىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. 3)ئەمدى تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرۇپ قويىسىز.
يۇقارقى كودتىكى resim adirisi دىگەننىڭ ئورنىغا بايا ئىرىشكەن رەسىم ئادىرسىنى كۆچۈرەيسىز،ئاندىن تولۇق كودنى رەسىملىرىم ئورنىغا چاپلايسىز. شۇنىڭ بىلەن رەسىملەر باش بېتىڭىزدە كۆرىنىدۇ.
باھالارنى قانداق ئۆچۈرىمەن؟
بىكىتىمىز ئىنتايىن كۆپ ئورۇنغان باھا يېزىشنى قوللايدۇ.ھەر بىر ئورۇندىكى باھالارنى ئۆچۈرۈش ئوخشاش بولمايدۇ.باھالارنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك.
بلوگ باھاسىنى ئۆچۈرۈش:
باشقۇرۇش مەركىزى-باھا دىگەن يەردىن كىرىپ ئۆچۈرۈڭ.
ئالبۇم-تەھىرىرلەش-باھا
يازما-يازما باشقۇرۇش
گۇرۇپپا-گۇرۇپپا تەھىرىرلەش-باھا
فىلىملىرىم-فىلىم ئۇچۇرىنى تەھىرىرلەش-باھا
ئىلانلىرىم-باھا
پائالىيەت-باھا
يۇقارقى ئۇلىنىشلاردىن ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتى ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.
قىسقا ئۇچۇرنى قانداق يوللايمەن؟
كىرگەندىن كىيىن ،يان تىزىملىكتىكى قىسقا ئۇچۇر دىگەننى چېكىپ، ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان شەخىسنى كىرگۈزۈپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.باشقىلارنىڭ مىھمانخانىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكەلسىڭىزمۇ قسىقا ئۇچۇر يوللاش دەپ بار، ئۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۆچۈرۈشتە قىسقا ئۇچۇر باشقۇرۇش كۆزنىكىگە كىرىپ، ئۆچۈرۈش دىگەننى چەكسىڭىز بولىدۇ. ھەممىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، بىراقلا تاللاپ ئەڭ ئاخىردىكى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. سىز يوللىغان ئۇچۇرلارنى سىستىما يوللاش ساندۇقىڭىزدا نۇسخىلاپ ساقلاپ قويىدۇ. سىستىما يول قويغان ئەڭ چوڭ دائىرە 30 پارچە قسىقا ئۇچۇرنى ساقلىيالايدۇ.شۇڭا ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تۇرۇڭ. سىستىما بايلىقىنى تىجەڭ.
يىڭى يازمىنى قانداق يوللايمەن؟
يان تىزىملىكتىكى يازما تۈرىگە كىرىپ، يىڭى يازما يوللاشنى چېكىپ يازما يوللسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ يىڭى بەش پارچە يازمىڭىز باش بېتىڭىزدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يازما بېتىڭىزنىڭ ئايرىم ئۇلىنىشى بار. باشقىلار شۇ ئادىرسى ئارقىلىق بىۋاستە يازمىلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايدۇ.
يازما يوللايدىغان تەھىرىرلىگۈچ نىمىلەرن قوللايدۇ؟
يازما يوللايدىغان تەھىرىرلىگۈچكە كۆپ ئىقتىدارلىق تەھىرىرلىگۈچ ئىشلتىلگەن بولۇپ،رەسىم قىستۇرۇش،فىلەش قىستۇرۇش،html,script ئۈنۈمى قوشۇش،تەڭلىمە كىرگۈزۈش،خەت رەڭگى،چوڭلۇقى قاتارلىقلارنى تەڭشەشكە بولىدۇ.
يازمىنى قانداق ئۆچۈرىمەن؟
يازما بېتىگە كىرىپ، ئۆچۈرمەكچى بولغان يازمىڭىز كەينىدىكى ئۆچۈرۈش دىگەننى باسسىڭىز يازمىڭىز ئۆچىدۇ. بىراقلا ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ھەممىنى تاللاپ بىراقلا ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ. لىكىن يازمىلارنى ئۆچۈرۋىتىشىڭىزنى تەۋىسسيە قىلمايمىز.
يازمامدىكى باھانى قانداق ئۆچۈرىمەن؟
يازما بېتىگە كىرىپ، شۇ يازمىڭىز كەينىدىكى باھا دىگەننى چەكسىڭىز باھالارنى باشقۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ. ئۆچۈرمەكچى بولغان باھالارنى تاللاپ ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ھەممىمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، بىراقلا تاللاپ ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.
يازما بېتىنىڭ ئۇسلۇبىنى قانداق تاللايمەن؟
يازما بېتىگە كىرىپ،ئۈستى تىزىملىكتىكى يازما css ئۈلگىسى دىگەننى چەكسىڭىز ئۇسلۇپ تاللايدىغان\يازىدىغان ئورۇن ئېچىلىدۇ. سىستىمىمىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلاردىن تاللىسىڭىز ياكى ئۆزىڭىز يېزىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
|